تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئاندىرۇيىد يانفۇنلار ئىچىدە قايسىسىنىڭ سىستىمىسى ئەڭ راۋان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 82864|ئىنكاس: 2

4

تېما

6

يازما

38

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىللا:
تەڭگە: 32
نادىر تېما: 0
ۋاقتى:5 سائەت
QQ:
ۋاقتى: 2018-7-30 02:15:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يانفونغا ئاساسەن ئاندرويد سىسېتمىسى قاچىلانغان. ھەر قايسى كارخانىلار ئاندرويد سىستېمىسىغا ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ «مەشغۇلات سىستېمىسى» نى ياساپ چىقتى. مەسىلەن: شىياۋمىنىڭ MIUI ، خۇاۋېينىڭ EMUI ، مېيزۇنىڭ Flyme OS ، يىجىيانىڭ ھىدروگېن OS ، ئوپپونىڭ Color OS ، ۋىۋونىڭ Funtouch OS، نۇبىيەنىڭ nubia UI ، لىيەنشىياڭنىڭ ZUI ، بولقىنىڭ Smartisan OS دېگەندەك. بۇلارنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغان بىلەن ھەممىسنىڭ يادروسى ئاندرويد. سىرتقى چاپىنى ئوخشىمايدۇ، ھەر قايسى كارخانىلىنىڭ قوشۇۋەتكەن ئەپلىرى ۋە ئېلانلىرى بار.
ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، كۈرۈنمە يۈزىنى خاسلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ سىستېمىلارنىڭ تېزلىك، راۋانلىقىدا پەرق بار. مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى، كۈرۈنمە يۈزىنىڭ چىرايلىق بولۇشىدىن باشقا يانفونغا بولغان ئەڭ مۇھىم تەلەپ راۋانلىقى. جىددىي ۋاقىتتا يانفوننىڭ قېتىۋالماسلىقى. مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ داڭلىق باھالاش ئورگىنى لۇ ئۇستام (鲁大师) يۇقارقى ھەر قايسى يانفون سىستېمىلىرىنىڭ راۋانلىقىنى سىناپ باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ «2017-يىللىق ئەڭ راۋان UI» ۋە «2017-يىللىق ئەڭ راۋان يانفون» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
2017-يىللىق ئەڭ راۋان UI (سىستېما) دا يىجىيا ھىدروگېن OS بىرىنجى بولدى، شۇنداقلا 2017-يىللىق ئەڭ راۋان يانفوندىمۇ يىجىيا 5T ئەڭ ئالدىغا تىزىلغان.

1531132022220868eb883e2.jpg

بۇ قانداقتۇ بىر ئىككى ئىشلەتكۈچىنىڭ باھاسى ئەمەس، كۆپ مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاستىكىلاپ چىقىرىلغان ئوتتۇرىچە نەتىجە.

15311320673922ab2a95b55.jpg

MIUI、Flyme OS لەرنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارى بولسىمۇ راۋانلىق جەھەتتە ھىدروگېن OS نىڭ كەينىدە تۇرغان. ئۇنداقتا ھىدروگېن OS نېمىشقا ئەڭ راۋان؟
چۈنكى ھىدروگېن OS ئاندرويد ئەسلى سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن. ئەسلى سىستېما ئاساسىدا باشقا ئارتۇقچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىغان. يىجىيا شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىستۇرۋېتىلمىگەن. گوگۇل ئاندرويد نەشىرىنى يېڭىلىسا ھىدروگېن OS نىڭ ئاندرويد نەشىرى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىدۇ. ئالدىنقى كۈنى Android P Beta3 نەشىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يىجىيا 6 يانفونغا سىستېما يېڭىلاش ئۇچۇرى ئەۋەتىلگەن.

1531132125762e6ab4859a6.jpg

ئەلۋەتتە، يۇقارقى تىزىملىك 2017-يىلدىكى يانفون سىستېمىسىنى باھالىغان سىتاستىكا. بۇ يىل چىققان يانفون ۋە سىستېمىلارنىڭ سەپىلىمىسى، نەشىرى يۇقىرى؛ شۇڭا ئۇ تىزىملىكتە ئۆزگىرىش بولۇشى ئېنىق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

8

يازما

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىللا:
تەڭگە: 12
نادىر تېما: 0
ۋاقتى:0 سائەت
QQ:
ۋاقتى: 2018-7-30 10:35:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بىر تال ياخشى تىلفۇن تەۋسىيە قىلساڭلا مەن ئەپ ياساش  تور  بىلەن جىخراق  ھەپلىشىمەن  شۇڭا  تور سۈرئىتى ياخشى   سەپلىمىسىمۇ ياخشى راق  تىلفۇن دىن بىرنى  تەۋسىيە قىلساڭلا  
ھازىر قۇلۇمدا oppo a83با  بۇ تىلفۇن aide نى  قۇلللىمىدە شۇڭا بىرەر ئامال بولسا كۆسەتسەڭلا {:9006:}

0

تېما

8

يازما

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىللا:
تەڭگە: 12
نادىر تېما: 0
ۋاقتى:0 سائەت
QQ:
ۋاقتى: 2018-7-30 10:36:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بىر تال ياخشى تىلفۇن تەۋسىيە قىلساڭلا مەن ئەپ ياساش  تور  بىلەن جىخراق  ھەپلىشىمەن  شۇڭا  تور سۈرئىتى ياخشى   سەپلىمىسىمۇ ياخشى راق  تىلفۇن دىن بىرنى  تەۋسىيە قىلساڭلا  
ھازىر قۇلۇمدا oppo a83با  بۇ تىلفۇن aide نى  قۇلللىمىدە شۇڭا بىرەر ئامال بولسا كۆسەتسەڭلا {:9006:}
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار